ئۇيغۇر مەسجىدى Uyghur Masjid

ئۇيغۇر مەسجىدى Uyghur Masjid ئۇيغۇر مەسجىدى، ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى
The first & only Uyghur Islamic Center in the U.S. https://uyghurislamiccenter.org/

Newly Purchased 2nd Location:
14325 Willard Rd #102, Chantilly, VA 20151 ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى
The first Uyghur Islamic Center in the USA.

12/30/2024

Assalamu alaikum ,
The UIC Fairfax location has moved to the following address (the 1st floor on the right side of the previous location):

10355 A Democracy Lane,
Fairfax, VA 22030

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
فېئەرفەكىستىكى ئۇيغۇر مەسجىدى تۆۋەندىكى
ئورۇنغا (بۇرۇنقى ئورۇن ئوڭ تەرەپ 1-قەۋەت) كۆچتى.

10355 A Democracy Lane,
Fairfax, VA 22030

Help Uyghur Islamic Center Pay Off the Loan and Complete Renovations of Our New Home!Alhamdulillah, with the help of All...
09/14/2024

Help Uyghur Islamic Center Pay Off the Loan and Complete Renovations of Our New Home!

Alhamdulillah, with the help of Allah and our incredible community, we have purchased the first-ever Uyghur Islamic Center in the U.S.!

This historic milestone was made possible through your generous support.

We moved into the property on September 1st and have already opened for the five daily prayers. Our first Jumu'ah prayer was held on September 6th, followed by a beautiful opening ceremony on September 7th.

However, we still need your help.
We borrowed $250,000 from our supporters as a Qarz-e-Hasana (interest-free loan) and require an additional $100,000 for essential renovations. This means we need to raise $350,000 to pay off the loan and complete the center.

Please support us in reaching our goal. Donate today and be part of this historic effort.

Help Us Pay Off the Loan and Complete Renovations of Our New Home!

The opening ceremony for the new location of the Uyghur Islamic Center was a great success.On September 7th at 5:00 p.m....
09/12/2024

The opening ceremony for the new location of the Uyghur Islamic Center was a great success.

On September 7th at 5:00 p.m., the American Uyghur Community held the opening ceremony for the newly purchased location of the Uyghur Islamic Center.

In addition to the local Uyghur communities from Virginia and Maryland, more than 300 people from various states across the U.S. (including Texas, New York, Florida, and Pennsylvania) attended the event. Among the attendees were Uyghur, Uzbek, Turkish, and other Muslim brothers and sisters, representatives of Islamic organizations, and members of Uyghur and East Turkistan organizations.

The ceremony opened with a Qur'an recitation by our Uyghur Qari, followed by Brother Arslan Hidayet, who served as the event's host. Zulfikar Mustafa, a board member of the Uyghur Islamic Center, briefly summarized the progress and activities of the center since its establishment during 2021. Arslan Abdurraziq presented the future plans for the center, while Muhammed Uyghur detailed the financial situation, including the amount raised, its usage, and the current economic standing.

One of the invited guests, Rafi, the president of the Dar-Alnoor Mosque and representative of the Justice for All Organization, gave a speech emphasizing the importance of an independent center for Uyghurs, and that supporting Uyghurs is a responsibility for all Muslims.

Additionally, a congratulatory video message from Sheikh Yasir Qadhi and the well-known American preacher Omar Suleiman was played, celebrating the opening of the Uyghur Islamic Center.

A fundraising session was then held to repay the loan (Qarz-e-Hasanah) taken to purchase and renovate the property. The atmosphere during the fundraiser was lively, and in just half an hour, $225,000 was collected in cash and pledges. Generous contributions came from the Philadelphia Al-Bukhari Uzbek Mosque, the Texas Uyghur Community, Dar-Alnoor Mosque, two Uyghur Hajim brothers, and local Uyghur communities.

A particularly moving moment during the event was when two Uyghur sisters donated their valuable wedding rings and gold jewelry. These items were later bought and returned to the sisters, and sold amount were donated to the center, demonstrating both the strength of Uyghur women and the traditional role of Uyghur men in protecting their families and loved ones, which deeply touched everyone present.

The event concluded with a speech by Imam Abdurrazak Qari, who spoke about the significance of the mosque and the role of the community, followed by a prayer. Finally, attendees enjoyed a dinner of traditional Uyghur dishes such as polo and samsa, prepared by volunteers from the Uyghur Islamic Center, before freely exploring the new center.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى يېڭى ئورنى ئېچىلىش مۇراسىمى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى9-ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 5 تە، ...
09/12/2024

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى يېڭى ئورنى ئېچىلىش مۇراسىمى غەلبىلىك ئۆتكۈزۈلدى

9-ئاينىڭ 7- كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 5 تە، ئامېرىكا ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى سېتىۋالغان يېڭى ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى .

بۇ پائالىيەتكە مەركەز ئەتراپىدىكى ۋىرجىنىيە ۋە مەرىلەند ئۇيغۇر جامائىتىدىن باشقا يەنە ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرى (تېكساس، نىيۇيورۇك، فىلورىدا، پېنسلۋېينىيە) دىن ئۇيغۇر، ئۆزبەك، تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان قېرىنداشلار، ئىسلام تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر ۋە شەرقى تۈركىستان تەشكىلات ۋەكىللىرى بۇلۇپ 300 يۈزدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

مۇراسىم ئارسلان ھىدايەت قېرىندىشىمىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۇيغۇر قارىلىرىمىزنىڭ قۇرئان تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى. ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزنىڭ ھەيئەت ئەزالىرىدىن زۇلپىقار مۇستافا ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ 2021-يىلى قۇربان ھېيتتا قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئۈچ يىل جەريانىدىكى خىزمەتلىرىنى ۋە تەرەققىياتىنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئارسلان ئابدۇرازىق بۈنىڭدىن كىيىنكى پىلانلارنى ئوتتۇرغا قويدى .مۇھەممەد ئۇيغۇر قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئىقتىساد توپلاش جەريانى، سوممىسى، ئىشلىتىلىشى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادىي ئەھۋالنى تەپسىلى تونۇشتۇردى .

تەكلىپلىك مېھمان دارۇلنۇر مەسجىدىنىڭ رەئىسى ۋە ھەممىگە ئادالەت تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى رافى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇستەقىل بىر مەركەزنىڭ مۇھىملىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياردەم قىلىش ھەممە مۇسۇلمان ئۈچۈن پەرىز ئىكەنلىكى توغرسىدا نۇتۇق سۆزلىدى .

ئامىركىدىكى داڭلىق دەۋەتچى ئىمام ياسىر قازى ۋە ئۆمەر سۇلايماننىڭ ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ يوللىغان ۋىدىيولۇق تەبرىك سۆزى قويۇلدى.

كىيىن بۇ جاينى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئېلىنغان قەرزنى قايتۇرۇش ۋە رېمونت ئۈچۈن ئىئانە توپلاش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى ئىئانە توپلاش پائالىيىتىمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھاياجانلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. فىلادىلفىيە بۇخارى ئۆزبەك مەسجىدى، تېكساس جامائىتى، دارۇلنۇر مەسجىدى، ئىككى ئۇيغۇر ھاجىم ئاكىمىز ۋە يەرلىك ئۇيغۇر جامائەتلىرىمىزنىڭ بەس-بەستە ئىئانە بېرىشى بىلەن قىسقىغىنە يېرىم سائەت ئىچىدە 225 مىڭ دوللار پۇل نەق ۋە ۋەدە قىلىنىپ توپلاندى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تەسىرلىك نوقتىسىنىڭ بىرى ئىككى ئۇيغۇر ھەمشىرىمىز ئۆزىنىڭ قىممەت پۇللۇق تويلۇق ئۈزۈك ۋە ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى ئىئانە قىلىپ بېرىشى ۋە ئۇنىڭ كىم ئارتۇق قىلىنىپ سېتىۋېلىنىپ ھەمشىرىلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە قايتۇرلىشى بولدى. ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ مەرد-ئېسللىگى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەرلىرنىڭمۇ قىز-ئاياللىرىمىزنى ۋە ياخشى كۆرگەن نەرسىلىرىنى قوغدايدىغان ئەنئەنىسى ھەممەيلەننى ھاياجانلاندۇردى.

پائالىيەت ئاخىرى ئىمامىمىز ئابدۇرازاق قارى مەسجىدنىڭ مۇھىملىغى ۋە جامائەتنىڭ رولى ھەققىدە سۆزلىدى ۋە دۇئا قىلدى. ئاخىرى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى پىدائىلىرى تەييارلىغان پولو، سامسا قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرى بىلەن كەچلىك تاماق تارتىلدى ۋە جامائەتنىڭ مەركەزنى ئەركىن زىيارەت قىلىشىلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت، سىلەرنى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ يېڭىدىن سېتىۋالغان ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىم...
08/28/2024

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جامائەت،
سىلەرنى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىنىڭ يېڭىدىن سېتىۋالغان ئورنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىمىز.

ۋاقتى: 7-سېنتەبىر، چۈشتىن كىيىن 5:00
ئورنى:
14325 Willard Rd # 102, Chantilly, VA 20151

Assalamu alaikum,
We invite you to join us for the Opening Ceremony of the Uyghur Islamic Center's new home

Time: Saturday, September 7, 5:00 PM
Location: 14325 Willard Rd # 102, Chantilly, VA 20151

08/24/2024

8-ئاي 23-كۈنى، جۈمە - تارىخى كۈن

06/16/2024
شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەرافات كۈنى دۇئاسىhttps://www.facebook.com/share/p/54sNMx9ZPBS722Js/?mibextid=WC7FNeلاَ إِلَهَ إ...
06/15/2024

شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەرافات كۈنى دۇئاسى

https://www.facebook.com/share/p/54sNMx9ZPBS722Js/?mibextid=WC7FNe

لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ، وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ
يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد يوقتۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، پۈتۈن سەلتەنەت ۋە پۈتۈن ھەمدۇسانا ئۇنىڭغىلا مەنسۇپتۇر. ئۇ ھەممە نەرسىگە قادىردۇر.
دۇئا
ئى ئاللاھ!
بىز ساڭىلا ئىمان كەلتۈردۇق،
ساڭىلا تەۋەككۇل قىلدۇق،
ساڭىلا يالۋۇردۇق،
ساڭىلا ئىلتىجا قىلدۇق،
ساڭىلا تەلمۈردۇق!
سەندىنلا ئۈمىد كۈتتۇق،
بىلىپ - بىلمەي سادىر قىلغان گۇناھلىرىمىزغا تەۋبە قىلدۇق،
بىزلەرنى ئەبەدىي ھەق يولدا ئاداققىچە سەباتلىق ۋە بەرقارار تۇرۇشقا نېسىپ قىلغىن!
بىزلەرگە دوست - دۈشمەننى ئايرىيدىغان ساپ ئىمان ئاتا قىلغىن!
بىزلەرنى مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىق بولغان ساغلام ۋىجدان ئىگىلىرىدىن قىلغىن!
ھۆرلۈك ئۈچۈن كۆرەش قىلىدىغان جاسارەت ۋە ئىرادە بەخش قىلغىن!
ئىلاھا پەرۋەردىگارا!
بىزلەرگە زۇلۇم سالغان ۋە سېلىۋاتقان،
بىزلەرنى خورلىغان ۋە خورلاۋاتقان،
ھەقلىرىمىزگە تاجاۋۇز قىلغان ۋە قىلىۋاتقان زالىملارنى،
سېنى تونۇمايدىغان،
ئۇلۇغلىقىڭنى ئېتىراپ قىلمايدىغان كافىر تاجاۋۇزچىلارنى،
بىزلەرگە تۈرلۈك سۈيقەستلەرنى پىلانلىغان ۋە پىلانلاۋاتقان دۈشمەنلىرىمىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتكىن،
ئۇلارنىڭ دىيارلىرىنى خانىۋەيران قىلىۋەتكىن!
شەھەرلىرىنى كۇمپەيكۇم قىلىۋەتكىن!
ئۇلارنى ۋە گۇماشتىلىرىنى يەتتە قات قارا يەرگە يۇتقۇزىۋەتكىن!
بىر يۇتۇم سۇغا زار ۋە خار ھالدا ئۆز ئەخلەتلىرىگە غەرق قىلىۋەتكىن!
ئۇلارنى ئۆزئارا بىر بىرىنىڭ قولىدا قىرىپ تۈگىتىۋەتكىن!
ئۇلاردىن ۋە گۇماشتىلرىدىن بىرىنىمۇ قويمىغىن!
ئى قاھھار!
دۈشمەنلىرىمىزگە قەھرىڭنى، قۇدرىتىڭنى كۆرسىتىپ قويغىن!
ئۇلاردىن بىز ئالالمىغان ئىنتىقامىمىزنى، ئۆچىمىزنى ئۆزۈڭ ئېلىپ بەرگىن!
ئى راھمان! ئى رەھىم!
بىزدەك ئاجىز، بىچارە بەندىلىرىڭگە رەھىم قىلغىن!
سەن رەھىم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ رەھىملىكىسەن!
كاپىرلارنىڭ قولىدا ئىڭراۋاتقان،
ئورگانلىرى سۇغۇرۇپ ئېلىنىۋاتقان،
ئوچۇق ۋە يېپىق تۈرمىلەردە خورلىنىۋاتقان ئاتا - ئانىلىرىمىزغا،
ئىپپەتلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خوتۇن - قىزلىرىمىزغا،
ئاچا- سىڭىللىرىمىزغا،
قورقۇنچ ۋە خارۇزارلىقتا ياشاۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزگە،
يېتىم - يېسىرلارغا،
تۇللارغا سەن ئىگە چىققىن!
ئۇلارنى ھېچكىم كۆرمەيدىغان،
ھېچكىم تاقابىل تۇرالمايدىغان قوشۇنلىرىڭ بىلەن قوغدىغىن!
سەن قوغدىغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىسەن!
دۈشمەننىڭ قىيىن - قىستاقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن،
دۈشمەننىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا، ئۇستازلىرىمىزغا شەھىدلىك ماقامى ئاتا قىلغىن!
ئۇلارنى ۋە بىزلەرنى قىيامەت كۈنى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافانىڭ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» دېگەن بايرىقى ئاستىدا ئەنبىيا - پەيغەمبەرلەر، شەھىدلەر، سىددىقلار ۋە سالىھلار بىلەن جەم قىلغىن!
قۇسۇرلىرىمىزنى، سەۋەنلىكلىرىمىزنى، خاتالىقلىرىمىزنى، گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىۋەتكىن!
بىزلەرنى سەرسانلىقتىن قۇتقۇزۇپ قويغىن!
بىزگە سەن ئاتا قىلغان ئانا ۋەتىنىمىزگە ئەزىز ۋە مۇكەررەم ھالەتتە قايتىشنى،
بېشىمىزنى كۆتۈرۈپ ھۆر ياشاشنى نېسىپ ۋە مۇيەسسەر قىلغىن!
مۆمىنلەرگە نۇسرەت ئاتا قىلغىن!
دىنىڭنى ۋە سۆزۈڭنى ئۈستۈن قىلغىن!
دىيارىمىزدا ئىسلام چىرىقىنى ئۆچۈرۈپ قويمىغىن!
ئىسلام بايرىقىنى مەڭگۈ لەپىلدەتكىن!
سەن ھەممىگە قادىر زاتسەن!
بىزلەرنى توغرا يولدا مېڭىشقا نېسىپ قىلغىن،
ھارامدىن يىراق قىلغىن!
بىزگە ۋە پەرزەنتلىرىمىزگە ھىدايەت، تەۋپىق، ئىنساپ ۋە شەرم - ھايا ئاتا قىلغىن!
بىزلەرنى توغرا يولدا ماڭىدىغان، باشقىلارنىمۇ توغرا يولغا باشلايدىغانلاردىن قىلغىن!

بىزنى دوزاخ ئازابىدىن،
قەبرە ئازابىدىن،
ھايات - مامات پىتنىلىرىدىن ۋە دەججالنىڭ پىتنىلىرىدىن ساقلىغىن!
ئى ئاللاھ!
دىنىمىزنى،
ئۆزىمىزنى،
بالا - چاقىلىرىمىزنى،
ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىمىزنى،
بارلىق مۇسۇلمانلارنى، ساڭا ئامانەت قويدۇق!
ئى دۇئالارنى ئىجابەت قىلغۇچى ئۇلۇغ زات!
ئى پەرۋەردىگار!
قولىمىزنى قۇرۇق قايتۇرمىغىن!
بىزلەرگە پەزل - كەرەمىڭنى ئىلتىپات قىلغىن!
پەيغەمبىرىمىزگە دۇرۇت - سالاملىرىمىزنى يەتكۈزگىن!
ئاخىرقى سۆزىمىز جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر!
بىرەھمەتىكە يا ئەرھەمەررراھىمىن! ۋەيا ئەكرەمەل ئەكرەمىين!

لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ، لَهُ الْمُلْكُ، وَلَهُ الْحَمْدُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌيالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھەق مەبۇد ...

قۇربان ھېيت نامىزى (2024-يىل) ئۇقتۇرۇشىEid al-Adha prayer announcement
06/13/2024

قۇربان ھېيت نامىزى (2024-يىل) ئۇقتۇرۇشى
Eid al-Adha prayer announcement

زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدە قىلىنىدىغان ئەمەللەر:1. روزا تۇتۇش: ھەدىستە كېلىشىچە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسە...
06/06/2024

زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىدە قىلىنىدىغان ئەمەللەر:

1. روزا تۇتۇش: ھەدىستە كېلىشىچە: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى توققۇز كۈنىدە، ئاشۇرا (مۇھەررەم ئېيىنىڭ ئونىنچى كۈنى) دا ۋە ھەر ئاينىڭ ئۈچ كۈنىدە روزا تۇتاتتى».(8)

روزا ئالدىنقى 9 كۈنىدە تۇتۇلىدۇ، ئونىنچى كۈنى قۇربان ھېيت بولغاچقا قۇربان ھېيت كۈنىدە روزا تۇتۇلمايدۇ.

2. تەكبىر (ئاللاھۇ ئەكبەر)، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ)، ھەمدۇسانا (ئەلھەمدۇلىلاھ)، ۋە تەسبىيھ (سۈبھەنەللاھ) ئېيتىش. بۇلار ئون كۈننىڭ ھەممىسىدە ئۆيلەردە، كوچىلاردا ۋە بارلىق زىكىر قىلىش جائىز بولغان جايلاردا ئۈنلۈك ھالدا ئېيتىلىدۇ. بۇ ھەقتە بىز يۇقىرىدا ھەدىس بايان قىلدۇق. ئۈنلۈك ئېيتىشتىن مەقسەت: ئىسلام پائالىيەتلىرىنى ئېلان قىلىش ۋە ئاللاھنى ئۇلۇغلاشنى ئىزھار قىلىش، شۇنداقلا غاپىللارنى ئويغىتىشتۇر. بۇلارنى ئەرلەر ئۈنلۈك ئېيتىدۇ، ئاياللار ئىچىدە ئېيتىدۇ.

ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘﻣﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺑﯘ ﮪﯘﺭﻩﻳﺮﻩ ﺭﻩﺯﯨﻴﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ زۇلھەججەنىڭ ﺋﺎﯞﯞﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻥ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﺎﺗﺘﻰ. (ھەزرىتى ھۈسەيننىڭ نەۋرىسى) ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻟﻰ ﻧﻪﻓﻠﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﻪﻛﺒﯩﺮ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.(9)

بۇ پائالىيەت ھازىرقى جەمئىيىتىمىزدە تاشلىنىپ قالغان سۈننەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنى ئىمكان قەدەر ياشارتىشقا تېرىشىش كېرەك. جانابى ئاللاھ «قۇرئان كەرىم»دە: ﴿مەلۇم كۈنلەردە ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتسۇن﴾(22/«ھەج»: 28)، ﴿ئاللاھنى ساناقلىق كۈنلەردە زىكرى قىلىڭلار!﴾(2/«بەقەرە»: 203) دېگەن.

ئايەتتىكى «مەلۇم كۈنلەر» كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قارىشىدا، ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېگەندەك، زۇلھەججەنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىدۇر، «ساناقلىق كۈنلەر» بولسا ﺗﻪﺷﺮﯨﻖ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯗﺭ(10).

3. ھەج ۋە ئۆمرە قىلىش. شەكسىزكى، بۇ كۈنلەردە ئادا قىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى ئەمەللەرنىڭ بىرى ھەج قىلىشتۇر، ئاللاھ تائالا ھەج قىلىشقا نېسىپ قىلغان كىشى ھەممە شەرتلىرى بىلەن ھەج ئادا قىلسا ھەدىستە كۆرسىتىلگەندەك: «گۇناھ ئارىلاشمىغان ھەجگە جەننەتتىن باشقا مۇكاپات يوقتۇر».(11)

4. بارلىق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش. ھەجگە مۇيەسسەر بولالمىغانلارمۇ ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، ئاتا – ئانا، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا سىلە – رەھىم قىلىش، ئەمرىمەرۇپ، نەھيىمۇنكەر (ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش)، سەدىقە – ئېھسان قىلىش، «قۇرئان» ئوقۇش، دۇئا قىلىش، زىكىر قىلىش ۋە بارلىق تائەت – ئىبادەتلەر بىلەن بۇ ئون كۈننى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك.

5. ھېيت نامىزى ئوقۇش. قۇربان ھېيت بىلەن روزا ھېيت ئەھلى ئىسلامنىڭ ھېيت – بايرىمىدۇر. ھېيت نامىزىدا جامائەت بولۇپ ناماز ئوقۇش، جامائەت بولۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلىش، ۋەز – نەسىھەت ئاڭلاش ۋە دۇئا – تىلەكلەرگە قاتنىشىش كەبى پەزىلەتلىك ئەمەللەر بار.

6. قۇربانلىق قىلىش. بۇ كۈنلەردە قۇربانلىقنى بوداپ سەمرىتىپ ياكى پۇل خەجلەپ قۇربانلىق ئېلىپ ئاللاھ تائالا ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش ياخشى ئەمەللەردىندۇر.

7. راستچىللىق بىلەن تەۋبە قىلىش. بۇ كۈنلەردە تەۋبە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، راستچىل تەۋبە دېگىنىمىز: گۇناھ ئىشلارنى دەرھال تاشلاپ، ئۇنى قەلبىدىن يامان كۆرۈپ، ئىككىنچى قىلماسلىققا بەل باغلاش، باشقىلارنىڭ ھەققى بولسا ئىگىسىگە قايتۇرۇش، ئاللاھ تائالا ياخشى كۆرىدىغان رۇس يولدا مېڭىشتۇر. تەۋبە قىلىش باشقا كۈنلەردە زۆرۈر بولغىنىدەك بۇ كۈنلەردە تېخىمۇ زۆرۈر ۋە ئۈنۈملۈك، چۈنكى بۇ كۈنلەر باشقا چاغلاردا قىلىنمايدىغان نۇرغۇنلىغان ياخشى ئەمەللەر قىلىنىدىغان چاغ بولغاچقا تەۋبە، ياخشى ئەمەللەر ۋە پەزىلەتلىك كۈنلەر بىرلەشسە بۇ نىجاتلىقنىڭ ئالامىتى بولىدۇ.

﴿تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردىن بولۇشى ئۈمىدلىكتۇر﴾(28/«قەسەس»: 67)

شۇڭا، ھەربىر ئاقىل مۇسۇلمان بۇ پەزىلەتلىك كۈنلەردە كۆپلەپ ساۋاب قازىنىشقا ھېرىسمەن بولۇش كېرەك.

مەنبە:

زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى نويابىر 10, 2018ئاۋغۇست 18, 2023 admin@sajiyeئەدەپ - ئەخلاق ۋە ياسىنىش, پەتۋالار سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون ك....

زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتىزۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»لەردە ئىسپاتل...
06/06/2024

زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى

زۇلھەججە ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»لەردە ئىسپاتلانغان بولۇپ، جانابى ئاللاھ: ﴿سۈبھى بىلەن، ئون كېچە بىلەن قەسەمكى﴾(89/«فەجر»: 1، 2) دېگەن.

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئون كۈننىڭ كېچىسى بىلەن قەسەم قىلىشى بۇ كۈنلەرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پەزلىنىڭ كاتتىلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﻰ ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:

— ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ئۇشبۇ (ﺯﯗﻟﮭﻪﺟﺠﻪ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯞﯞﺍﻟﻘﻰ) ئون كۈندە ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﯘﺭ، — ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ، ساھابەلەر:

— ﺟﯩﮭﺎﺩﻣﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻣﺪﯗ؟ — ﺩېدى. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ:

— ﺟﯩﮭﺎﺩﻣﯘ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﻪﯞﭖ – ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ، ﺟﯧﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﻣﯧﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﮭﺎﺩﻗﺎ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ، ﻣﯧﻠﯩﻤﯘ ﻗﺎﻳﺘﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪلىلا ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﯞﺯﻩﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، — ﺩﯦﺪﻯ.(3)

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىلىنغان ئەمەللەرنى ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدىغانلىقى جەھەتتىن ئېيتقاندا زۇلھەججەنىڭ ئون كۈنىدەك كۈن يوق. شۇڭا، ئۇ كۈنلەردە تەسبىھ، ھەمدۇسانا، تەھلىل (لا ئىلاھە ئىللەللاھ) ۋە تەكبىرنى كۆپ ئېيتىڭلار» دېگەن.(5)

يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە مۇبارەك ئەرافات كۈنى بولۇپ، بۇ ئۇلۇغ كۈندە ئاللاھ تائالا ئۆز دىنىنى تاماملاپ مۇكەممەللەشتۈرگەن، بۇ كۈندە تۇتقان روزا ئىككى يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھتىن ئەرافات كۈنىدە تۇتقان روزا ئۆتكەن بىر يىل بىلەن كېلەر بىر يىلنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇۋېتەر دەپ ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن.(6)

يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە قۇربانلىق قىلىش كۈنى (زۇلھەججەنىڭ ئونىنچى كۈنى) بولۇپ، بۇ كۈندە مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا ئۈچۈن ئاتىغان قۇربانلىقلىرىنى تەقدىم قىلىشىدۇ، تەكبىر ئېيتىشىدۇ. دېمەك، بۇ كۈندە يىلبويى ھېچبىر كۈندە قىلىنىپ باقمىغان تائەت – ئىبادەتلەر قىلىنىدۇ.

يەنە بۇ ئون كۈن ئىچىدە ھاجىلار تاۋاپ، سەئيى، تەلبىيە ئېيتىش، ئىھرام باغلاش، مىنادا تۇرۇش، مىنادىن ئەرافاتقا، ئەرافاتتىن مۇزدەلىفەگە ۋە مۇزدەلىفەدىن مىناغا يۈرۈش قىلىش قاتارلىق ھەج پائالىيەتلىرىنى ئادا قىلىشىدۇ.

مەنبە:

زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون كۈنىنىڭ پەزىلىتى نويابىر 10, 2018ئاۋغۇست 18, 2023 admin@sajiyeئەدەپ - ئەخلاق ۋە ياسىنىش, پەتۋالار سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. زۇلھەججەنىڭ ئالدىنقى ئون ك....

ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ۋە لاگىر شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىتىشنىڭ  تۇنجى سەپىرى ئامېرىكى...
06/01/2024

ئامېرىكا مۇسۇلمانلىرغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى تونۇشتۇرۇش ۋە لاگىر شاھىتنىڭ گۇۋاھلىقىنى ئاڭلىتىشنىڭ تۇنجى سەپىرى ئامېرىكىدىكى داڭلىق پەلەستىنلىك ئۆلىما ئۆمەر سۇلايماننىڭ
تېكساس «ۋەلىي رېنچ ئىسلام مەركىزى» دە باشلاندى .
مەزكۇر ئىسلام مەركىزى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزى قۇرۇلىشى ئۈچۈن ئىقسادىي ۋە تەشۋىقات فىلىمى ئۈچۈن ياردەم قىلدى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئۈچۈن يېقىندىن ياردەمدە بولغان قېرىندىشىمىز ئارسلان ھىدايەت، لاگىر شاھىدى زۇمرەت داۋۇت، ۋەلىي رېنچ ئىسلام مەركىزى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزالىرى ۋە ئىمامى ئۆمەر سۇلايمان ۋە ياسىر بىرجاس، ئېپىك ئىسلام مەركىزى باشقۇرۇش ھەيئەتلىرى، ئىمامى ياسىر قازى ۋە بىزنى قوللىغان شەخىس ۋە ئورگانلارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. ئاللاھ ھەممىڭلاردىن رازى بولسۇن

Address

14325 Willard Road # 102
Chantilly, VA
20151

Opening Hours

Monday 5:20am - 10pm
Tuesday 5:20am - 10pm
Wednesday 5:20am - 10pm
Thursday 5:20am - 10pm
Friday 5:20am - 10pm
Saturday 5:20am - 10pm
Sunday 5:20am - 10pm

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when ئۇيغۇر مەسجىدى Uyghur Masjid posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The Place Of Worship

Send a message to ئۇيغۇر مەسجىدى Uyghur Masjid:

Videos

Share