ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى - Oku Uygur Bilig Yurdu

  • Home
  • Turkey
  • Silivri
  • ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى - Oku Uygur Bilig Yurdu
Directions Website Contact the place of worship

ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى - Oku Uygur Bilig Yurdu ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەرنى ئوقۇتۇش ئاساس قىلىنغان، سىستېمىلىق تولۇقلىما مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەكتەپ.

03/05/2026
خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتلىرىدىن ICNA، ICNA Relief Canada Penny appeal ۋە HUMAN CONCERN INTERNATIONAL جەمئىيەتلىرى ئۇي...
04/02/2026

خەلقئارالىق ياردەم تەشكىلاتلىرىدىن ICNA، ICNA Relief Canada Penny appeal ۋە HUMAN CONCERN INTERNATIONAL جەمئىيەتلىرى ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىنى زىيارەت قىلدى
[بۈگۈن، يەنى 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، كانادادىكى داڭلىق خەير-ساخاۋەت ئورگىنى ICNA نىڭ يېتەكچىلىكىدە HUMAN CONCERN INTERNATIONAL ۋە Penny appeal CANADA جەمئىيىتىدىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت، تۈركىيە، سېلىمپاشادىكى ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
بۇ قېتىملىق زىيارەت، مەزكۇر تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا 2023-يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقنىڭ بىر داۋامى بولۇپ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر ۋە ئەھمىيەتلىك سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىلدى.
ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى 2023-يىلى باشلانغان ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەھەللىسى تۈرى» (Oasis of istanbul) نى يەنىمۇ كېڭەيتىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتى. ھەيئەتلەر مەزكۇر تۈرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈرۈش بىلەن بىرگە، كەلگۈسى باسقۇچتا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدىغان پىلانلار ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.
سۆھبەت جەريانىدا يەنە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاش، مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي ياردەم خىزمەتلىرىدە ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. مېھمان تەشكىلاتلار ئۇيغۇر ئىلىم-مەرىپەت ۋەخپىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن قوشۇۋاتقان تۆھپىلىرىنى يۇقىرى باھالىدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقتا يەنىمۇ ئەمەلىي قەدەملەرنى تاشلاشقا كېلىشتى.

Address

Selimpaşa Mh, 203. Caddesi No:30, Silivri/Istanbul
Silivri
34590

Alerts

Be the first to know and let us send you an email when ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى - Oku Uygur Bilig Yurdu posts news and promotions. Your email address will not be used for any other purpose, and you can unsubscribe at any time.

Contact The Place Of Worship

Send a message to ئوقۇ ئۇيغۇر بىلىگ يۇرتى - Oku Uygur Bilig Yurdu:

Shortcuts

Share